باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا كىلىمات ھەمكارلىقى خاڭجۇ ۋاقتىغا تۈرتكە بولدى

2016.09.05 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتەك گۈزەل خاڭجۇنىڭ شىزى كۆلى 44 يىل ئىلگىرى تۇنجى جۇڭگو-ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخباراتى سۆھبىتىگە شاھىت بولغان، 44 يىلدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ يەردە كىلىمات ئۆزگىرىشى يەر شارى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ مۇھىم قەدەم تاشلىدى.

  3-سېنتەبىر سائەت 17دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا كىلىمات ئۆزگىرىشى «پارىژ كېلىشىمى»نى تەستىقلاش ھۆججىتىنى تاپشۇردى.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تەستىقنامە سۇنۇشى جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىقارغان تەنتەنىلىك ۋەدە. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»گە قاتناشقان قانۇنى ھۆججەتنى سۇنۇشى يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇلۇغۋار جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ۋە ئەڭ چوڭ پارنىك گازى قويۇپ بەرگۈچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «پارىژ كېلىشىمى»نى بىرلا ۋاقىتتا تەستىقلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ باش بولۇپ «پارىژ كېلىشىمى»نى تەستىقلىشى بۇ كېلىشىمنىڭ بۇ يىل ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا غايەت زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.

  دۆلەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى كەسپىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففىسسورى خې جيەنكۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىش مىقدارى يەر شارىنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، پارنىك گازىنى كۆپ قويۇپ بېرىدىغان بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت باش بولۇپ تەستىقنامىنى تاپشۇرۇشى-«پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئاخىردا كۈچكە ئىگە بولۇشىدا ناھايىتى مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرگە نەمۇنىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئوبامانىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى بىرائىن مېرىدىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشى، ھىدروفىتورىد كاربىدنى تەدرىجىي شاللاش ھەمدە يەر شارى ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ بۇغىما ئازايتىشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

  تۈنۈگۈن كەچتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «جۇڭگو-ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەمكارلىق نەتىجىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ جەمئىي توققۇز ماددا بولۇپ، خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 2000 خەتكە يېقىن كېلىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر