- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەير - ساخاۋەت جەمئىيىتى 2000 دىن ئاشتى
2016.09.05 14:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان تۇنجى «جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت كۈنىنى كۈتۈۋېلىش، خەيرى - ساخاۋەت ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىلى «جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت يىلنامە»سى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ۋە بىر قىسىم ئەزا كوللېكتىپلىرى پۈتۈن بىر يىلدا تاپشۇرۇۋالغان خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى پۇل-مېلىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 267 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى سىستېمىسى قوبۇل قىلغان ئىئانە مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئىئانە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. 22 يىلدىن بويان، جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە ئەزا كوللېكتىپ 377گە يەتكەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەير- ساخاۋەت جەمئىيىتى 2000 دىن ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر