باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىككى كۆرگەزمە» دىكى پۇتبول مەستانىلىرى

2016.09.05 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئىككى كۆرگەزمە››دە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىققا ئىگە ئون ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى قاتارىدا پۇتبول تەنھەرىكىتىدىنمۇ ماھارەت كۆرسىتىلدى. ماھارەت كۆرسىتىۋاتقانلار ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى ئىكىساق كەنتىدىن كەلگەن 83 ياشلىق غوپۇر زۇنۇن بىلەن 81 ياشلىق جۈرئەت مەمەتنىڭ پۇتبول ئويناشتىكى ھەرىكىتى خېلىلا چاققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ پاس بېرىشلىرى ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

  ھازىر ئىكىساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا كۈندە دېگۈدەك بالىلارنىڭ پۇتبول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كەنتىمىزدە ئىلگىرى پۇتبول ئوينىغىدەك مەيدانمۇ تاپالمايتتۇق، دادىلىرىمىز پۇتبولغا قىزىقىدىغان بولغاچقا، بىزگە تېرىدە توپ ياساپ بېرەتتى. ھازىر شارائىتىمىز ياخشىلىنىپ كەتتى، كەنتىمىزدە توپ كوماندىلىرى قۇرۇلۇپ، ھەممە ئۆيدە بىردىن توپچى بار بولدى، دېدى جۈرئەت مەمەت.

  غوپۇر زۇنۇن پاراڭچى كىشى ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپ توپقا ئامراق ئىدىم، مانا ھازىر توپ تېپىپ يۈرگىنىمگە 75 يىل بوپتۇ، بۈگۈن مەن بەك خۇشال بولدۇم، بۇ كۆرگەزمىدە توپقا قىزىقىدىغانلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. تېنىم سالامەت بولسىلا داۋاملىق يەنە ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ، توپ تېپىشنى داۋاملاشتۇرىمەن ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلىمەن.

  تاماشىبىن ياسىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە مەيدانىغا كىرىشىمگە مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى، بۇ ئىككى بوۋاينىڭ مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ توپ تېپىپ، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى، ئۆزىنى پۇتبولغا بېغىشلىشى بولدى.

  ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نەسرۇللا مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاتۇش شەھىرىدە بۇ ئىككى ئاكىمىزدەك ‹‹پۇتبولخۇمار››لار بەك كۆپ. ھەر مىللەت كىشىلىرى زامانىۋى تۇرمۇشنى قوغلىشىۋاتقان، چېنىقىش ئېھتىياجى بارغانسېرى كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق كاتتا مەرىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت بولدى.

  شىنجاڭ ‹‹قارلىق چوققا›› قىزلار پۇتبول كۇلۇبىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا بىر نەچچە قىز توپ تېپىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈۋاتقان توپ مەستانىلىرى خېلىلا كۆپ ئىدى. بۇ قىزلارنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئارزۇگۈل ئەسقەر 2015 – يىلى قۇرۇلغان بۇ قىزلار پۇتبول كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپتۇ. بۇ يىل ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن ئارزۇگۈل ئەسقەر مارالبېشى ناھىيەسىدىن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن، ھازىر تۆت يىل بوپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ كۆرگەزمە نۇرغۇن پۇتبول مەستانىسىنى بىر يەرگە يىغىپتۇ. مەن داۋاملىق ياخشى مەشىق قىلىپ، مەملىكەتلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىشكە تىرىشىمەن. تىرىشقاندىلا ھەممە ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى، بۈگۈنكىدەك كاتتا مەرىكىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر