باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان سوقۇشقاق خورىزى كۆرگەزمىدە

2016.09.05 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ خوراز سوقۇشتۇرۇش ئەنئەنىسى بار. ئۇيغۇرلارمۇ خوراز سوقۇشتۇرۇشنى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى «ئىككى كۆرگەزمە»دە خوراز سوقۇشتۇرۇش كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغان بىر تۈر بولۇپ قالدى.

  تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇرپان سوقۇشقاق خورىزى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىدىن باشلاپلا تۇرپاندا خوراز سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىكەن. تۇرپان سوقۇشقاق خورىزى 2006 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جۇغى يوغان، پەنجىسى توم، بوينى تاقىر، تۇمشۇقى ئۇچلۇق ھەم ئۆتكۈر، سوقۇشقاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى ‹‹ئىككى كۆرگەزمە››گە تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسى قىزىلتۇر كەنتىلىك ‹‹خوراز شاھى›› ئىسمائىل ئىبراھىم ئۆزى مەخسۇس بېقىۋاتقان 14 خورىزىنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇقۇشىمچە، ئىسمائىل ئىبراھىم 3 – ئەۋلاد ‹‹خوراز شاھى›› بولۇپ، ئۇنىڭ سوقۇشقاق خوراز بېقىۋاتقىنىغا 40 يىلدىن ئېشىپتۇ، بوۋىسى بىلەن دادىسىمۇ مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۆھرەت تاپقان ئىكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسىمۇ مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. ئىسمائىل ئىبراھىم قەپەزدە قانات قېقىپ جىم تۇرمايۋاتقان خورازلىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ خورازلار ئاق قوناق، قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى، تۇخۇم، شوخلا بىلەن بېقىلىدۇ، كۈندە تۆت سائەت ئاپتاپ كۆرىدۇ، تۆت سائەت قوغلاپ يۈگۈرۈتىمىز. مېنىڭ بۇ خورازلىرىم ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن تەرەپلەردىكى خوراز سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىلىرىدە دائىم دېگۈدەك ‹‹چېمپىيون›› بولۇپ كەلدى. بۇرۇنقى چاغلاردا سوقۇشقاق خوراز كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ بېقىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن سوقۇشقاق خوراز بېقىش بىر خىل كەسىپكە ئايلىنىپ، بارغانسېرى مۇنتىزىملاشتى. مانا بۈگۈن مۇشۇنداق كاتتا، مەملىكەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، بۇنداق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى تېخىمۇ جانلىنىدۇ.

  ئىسمائىل ئىبراھىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىر تۇرپان شەھەرلىك ‹‹ئاق ئالتۇن بۈركۈت›› سوقۇشقاق خوراز دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋېتىپتۇ، كوپىراتىپنىڭ قۇرغۇچىسى بارى غوپۇر ئون مو كۆلەمدىكى بىر ھويلىنى ئىجارىگە ئېلىپ، 200 دىن ئارتۇق خوراز بېقىۋاتقان بولۇپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنى يېتەكلەپ، سوقۇشقاق خوراز كەسپىنى كەڭ – كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۇتۇش قىپتۇ. ئۇ يەنە 600 تاماشىبىن سىغىدىغان خوراز سوقۇشتۇرۇش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى باشلاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 1000 سوقۇشقاق خوراز چۈجىسىنى 50 ئائىلىلىك دېھقانغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى بېيىشقا يېتەكلەپتۇ.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى غولام غوپۇر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە بىز تۇرپاننىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۇرپان سوقۇشقاق خورىزىنى سوقۇشتۇرۇش تۈرىنى قاتناشتۇردۇق. بۇ تۈرىمىز كىشىلەرنى بەك قىزىقتۇردى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بىزگە زور ئىلھام بەردى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل تۇرپان شەھىرى سوقۇشقاق خوراز مەدەنىيەت كەسپى تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، تۇرپان سوقۇشقاق خورىزى ماركىسىنى بەش يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايون بويىچە، ئون يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشانلاپتۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا، تۇرپان شەھىرى سوقۇشقاق خوراز بېقىش، يەم تەييارلاش، پىششىقلاش، زوقلىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا، سوقۇشقاق خوراز كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوقۇشقاق خوراز مەدەنىيەت كەسپىنى ساياھەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر