باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 12368 شىكايەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى

2016.09.05 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 12368 شىكايەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى يېقىندىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىر نومۇرنى ئىشلىتىش ۋە ئاپتوماتىك ئۇلىنىش بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شىكايەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈ خۇيتاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 12368 شىكايەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما، دەۋالاشقۇچى، ئادۋوكات قاتارلىقلارغا يۈزلىنىپ، شىكايەت مەسلىھەت سوراش، دېلونى تەكشۈرۈش، سودىيە بىلەن ئالاقىلىشىش، نازارەت قىلىپ پاش قىلىش، پىكىر تەكلىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 116 خەلق سوت مەھكىمىسى (بىڭتۈەن خەلق سوت مەھكىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالتە، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۆت، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسىگە ئىككى ئۆلچەم بويىچە 12368 قىزىق لىنىيە ئۆيى تەسىس قىلىنغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش 1- سوتىنىڭ باشلىقى چېن گەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 12368 شىكايەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىش ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىكايەت مۇلازىمەت تورى سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بارلىق دېلو تۈگۈن نۇقتا ئۇچۇرلىرى، دېلو بېجىرگۈچى سودىيەنىڭ تېلېفونى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ھەر قانداق بىر تېلېفونىستنىڭ ئىش تالونى سىستېمىسىدىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ، رايون چەكلىمىسى يوق. مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر