باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋېي داپېڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى

2016.09.06 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار 3- ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي شياڭياڭ 5- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلار يىغىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، ۋېي داپېڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدۇ، شۆ جىنۋېي نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ جىۋېي، ج ك پ تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جېمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋېي داپېڭ 1957- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، فىرانسىيە پارىژ دۆلەتلىك ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتىپىنىڭ سانائەت سىستېما قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇپ، دوكتور ئاسپىرانت بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن، پىروفېسسور. ئىلگىرى تيەنجىن مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تيەنجىن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى، پارتكوم ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 2013- يىلى 1- ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر تيەنجىن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر