باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيىش نەمۇنىچىسىنىڭ ھېكايىسى

-- مەملىكەت دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، دېھقان مىجىت مامۇت توغرىسىدا

2016.09.05 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن يۈسۈپجان مۇھەممەد) ئاۋات ناھىيەسى بەشېرىق بازىرى ئۈستۈنكى دوڭقىشلاق كەنت 1-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان مىجىت مامۇتنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن بېيىغان، بېيىغاندىن كېيىن يۇرتداشلىرىغا ياردەم قىلغان ھېكايىلىرى يىراق-يېقىنغا تارالغان.

  ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

  مىجىت مامۇت ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپلا مۇشۇ كەنتتە تېرىقچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن ئاددى دېھقان ئىدى. 1984-يىلى كەنت ئۇنىڭغا ھۆددە بەرگەن 49 مۇ يەرنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىدى. مەھسۇلات ۋە كىرىمنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇش ئاساسىدا، دېھقانچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، باغۋەنچىلىك ۋە باقمىچىلىقنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يىلمۇ-يىل تىرىشىپ ئىشلەپ، تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. 1988-يىلىدىن باشلاپ دېھقانچىلىقتىن قىلغان كىرىمى بىلەن قۇشۇپ 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇن زاۋۇتى ۋە بىر كىچىك ياغ تارتىش زاۋۇتى قۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. 1995-يىلىغا كەلگەندە، ئائىلىسىنىڭ كۆچمە مەبلىغى 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بازار تەۋەسىدىكى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ئائىلە بۇلۇپ قالدى.

  ئۇنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، 1990 -يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە، 1995-يىلى «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى ھەمدە شۇ يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتنىڭ تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىندى. 1995-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئۇ «ئىلغار يەككە سودا –سانائەتچى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس»، «نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار شەخس»، «ئىشەنچىلىك يەككە تىجارەتچى»، «ئىلغار باج تاپشۇرغۇچى» قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «ۋىلايەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس» بۇلۇپ باھالاندى. 2007-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغا قەدەر ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ.

  بېيىغاندا نامراتلارغا ياردەم قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق

  مىجىت مامۇت ئۆزى بېيىغاندىن كېيىن، نامرات دېھقانلارنى ئۇنتۇپ قالىمدى. ئۇ يېزا پارتىيە ئەزالىرى يىراق مۇساپىلىق تەربىيەلەش سىستېمىسى، «پەن-تېخنىكا قىشلىقى پائالىيىتى» قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەربىيەلىنىش بىلەن بىللە، دېھقان-چارۋىچىلارنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىشكە يېتەكلىدى. كەنتتىكى بەش ئائىلە بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا پىلان، چارە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى-ئاخىر بۇلۇپ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار 12 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 1500 يۈەندىن ئىئانە قىلدى؛ سەككىز دېھقانغا 2000 يۈەندىن ئۈسۈمسىز قەرز بەردى؛ ئائىلىسى نامرات تۆت ئۇقۇغۇچىغا 2000 يۈەن قىممىتىدە كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەردى. مىجىت مامۇت يۇقارقىدەك نۇرغۇن ئىشلىرى ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى ھەمدە كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا مۇيەسسەر بولدى.

  شۇنداق، ئۇنىڭغا تېخى ھاردۇق يەتكىنى يوق. ئۇ بۇندىن كېيىنمۇ ئۆز رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «ھېكايە»سىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتىپ بارىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر