خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجائابلا خەۋىرى، فوتوسى) چاقىلىق ناھىيەسى « دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان ناھىيە بازىرى» بەرپا قىلىش شارائىتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ناھىيەلىك دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان ناھىيە بازىرى بەرپا قىلىش رەھبەرلىك ئىشخانىسى، چاقىلىق بازىرى، ناھىيەلىك كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ناھىيەلىك شەھەر باغ-ئورمان كۆكەرتىش باشقارمىسى قاتارلىق تارماقلار 26-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە كۆپ تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كوچىلارنىڭ يېشىللىشىشى، ئىدارە- ئورگان ھويلا-ئاراملىرىنىڭ كۆكەرتىلىش ئەھۋالى، ئولتۇراق رايونلارنى كۆكەرتىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ئەسكەرتىلىپ، كۆكەرتىش خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
سۈرەتتە: چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىكى كۆكەرتىش ئەھۋالىدىن ئومۇمىي كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى