خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) دىن گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى لايقا كەنتىگە چۈشكەن 3 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىدارە مالىيەسىدىن 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، دېھقانلارنىڭ بىر قوتاندا كەپتەر ۋە قوي بېقىشىنى ئومۇملاشتۇردى.
سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قابدۇللا قايسابېي (سولدىن بىرىنچى) كىشى كەنتتىكى دېھقان مۇھەممەد قاۋۇزنىڭ قوي ۋە كەپتەر باقمىچىلىقى قوتىنىنى كۆرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى