- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېرما: 21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلدى
2016.09.05 15:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېرما «21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنى»يەنى تىنچلىق يىغىنى 3-سېنتەبىر پايتەخت نىبدۇدا يېپىلدى.
شۇ كۈنى بېرمىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسانسۇكى ھەممە ۋەكىللەر سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىش، يىغىنغا قاتنىشىش بىر مەزگىللىك تىنچلىق ئۈچۈن بولماستىن بەلكى قانداق قىلغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پۈتۈن دۇنيانىڭ قۇدرەت تېپىشىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.
يىغىن مەزگىلىدە تەشكىلىي كومىتېت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بۇ قېتىمقى يىغىن تۇنجى نۆۋەتلىك «21-ئەسىر پاڭلوڭ يىغىنى»، بۇندىن كېيىنكى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە 2019-يىلى ياكى 2020-يىلى بېرمىنىڭ مەملىكەت بويىچە تىنچلىقنى تامامەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر