باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكى 132 داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىدۇ

2016.09.06 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتى يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فاڭ لەييىڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىنىڭ داۋالاش ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بۇ ئۈچ شەھەرنىڭ داۋالاش سۈپىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىرىنچى تۈركۈم كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش تۈرىدىن 27 تۈر بار بولۇپ، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش داۋالاش ئاپپاراتىغا كىرگۈزۈلگەن داۋالاش ئاپپاراتى 132گە يەتتى.

  ئۈچ جايدىكى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا نىسبەتەن ھەرىكەتچان ھالەت بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىدىكى كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردا خادىملارنى تەربىيەلەش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يېتەكلەيدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈچ جاي شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، مۇۋاپىق پەيتتە 2- تۈركۈمدىكى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر