باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دىپلوماتىيە ئالدىراش پەسىلىنى كۈتۈۋالدى

2016.09.06 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈز پەسىلى 9-ئايدا جۇڭگو دىپلوماتىيە ئالدىراش پەسىلىنى كۈتۈۋالدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىندىن كېيىنلا، زۇڭلى لى كېچياڭ 6-سېنتەبىر لائوسنىڭ پايتەختى ۋېيېتنامغا بېرىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە لاۋۇستا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  مۇنداقچە ئېيتقاندا، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش،يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ شاھىتى دېگەندە ئۇنداقتا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قوشنا دۆلەتلەرگە قىلىنغان سەپەر جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەرقىي ئاسىيا رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا قارىتىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئالاقىسىدا ئالدىن قارايدىغان يۆنىلىش. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونى ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ. بۇ يىل دەل جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىلقى، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى ئورنىتىشنىڭ باشلىنىش يىلى.

  25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سىياسىي، ئىقتىساد سودا، جەمئىيەت، ئادىمىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر تىز سۈرەتتە ئېشىش پىشىپ يېتىلىشتىن ئىبارەت تىپنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىگە كىرىپ، سۈپەت ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولىغا قاراپ ماڭماقتا. بۇ قېتىم زۇڭلى لى كېچياڭ 19-قېتىملىق جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن ئىشلارنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلايدۇ، بۇ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋېي لىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە قانداق قىلىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسىگە ياردەم بېرىش،بولۇپمۇ بىر بەلباغ بىر يول رامكىسىدا جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا. ئۇندىن باشقا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشمۇ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدە كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدىغان ساھەسى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رۈەن زوڭزې مۇنداق دېدى: جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا رايون ئىچىدىكى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك سوغۇققان بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. ۋېي لىڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تاشقى ساھەنىڭ ئارىلىشىشى پەيدا قىلغان سەلبىي ۋە پاسسىپ تەسىرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭىدىن ئىقتىساد ۋە تەرەققىياتقا مەركەزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر