باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەزى جايلار كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكرېت تەڭشەش لايىھەسىنى سىرتقا ئېلان قىلدى

2016.09.06 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر شاڭخەي، بېيجىڭ، شەنشى، يۈننەن، لياۋنىڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلار كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكرېت تەڭشەش لايىھەسىنى سىرتقا ئېلان قىلدى ھەمدە لايىھەنى بىر قەدەر بالدۇر ئېلان قىلغان شاڭخەي، بېيجىڭ شەھەرلىرى ئالدى بىلەن كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقاتتى، قىسمەن رايونلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %6.5تىن ئېشىپ كەتتى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا " 2016-يىللىق پېنسىنىيورلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش"نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ، پېنسىنىيورلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى 6.5 پوئىنتى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى، مۇخبىرنىڭ ئوقۇشىچە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، رايونلار ھازىر ئېلان قىلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىگە ئاساسەن، مۇقىم سوممىنى تەڭشەش، تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتەك تەڭشەش چارىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: مۇقىم سوممىسىنى تەڭشەشتە ئاساسلىقى ئادىل بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى، بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەشتە ئاساسلىقى كۆپ خىزمەت قىلسا، كۆپ تاپشۇرسا كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپ ئېلىشتەك ئىلھام بېرىش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇنى ھەق تاپشۇرغان يىل چەكلىمىسى ياكى ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىكى پېنسىنىيورلارنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت يىل چەكلىمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاساسىي كۈتۈنۈش سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشتە ئاساسلىقى چوڭ ياشتىكى پېنسىيونېرلار ۋە جاپالىق، چەت ياقا چېگرا رايونلاردىكى كارخانىلاردىكى پېنسىيونېرلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىش كېرەك.

  مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، سىياسەت ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 85 مىليوندىن ئارتۇق كارخانىلاردىكى پېنسىيونېر، 17 مىليوندىن ئارتۇق ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىكى پېنسىيونېر نەپ ئالىدىكەن، جەمئىي 100 مىليوندىن ئارتۇق پېنسىيونېر نەپكە ئېرىشىدىكەن. كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ كېلىدىغىنى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى كىرىم چىقىم بېسىمى. 13-بەش يىللىق پىلاندىكى تەكلىپتە: ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چۇ فۇلىن مۇنداق دېدى: بۇ مۇۋاپىق مېخانىزمنى ئورنىتىشتا مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

  1. كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشتە ئاساسىي تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 2. كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشتە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش لازىم، 3. كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشتە فوندىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەلگۈسىدە بىز بىر نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىشىمىز لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر