- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈمىد قىلىندى
2016.09.06 14:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لوندون پۇل مۇئامىلە شەھىرىنىڭ باشلىقى يېقىندا مۇنداق دېدى: خاڭجۇدا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئىنتايىن مۇھىم. مەن، جۇڭگونىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدىن كىيىن سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەرنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ئەڭ كۆڭۈل بىلىدىغان تېما يېشىل ئىقتىساد بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، بۇ پۈتكۈل دۇنيا كۆڭۈل بىلىۋاتقان تېما. مېنىڭچە، جۇڭگو يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ئىنتايىن ئاكتىپ بولدى، بىزنىڭ ئىلگىرى بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمىتىمىز يېتەرسىز بولدى. بۇ بىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا موھتاج بولماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر