باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

2019.02.25 16:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى بەنزىسىدىكىلەرنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغان، سۇپا سىستېمىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى كۆرگەن ھەم نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكلەشنى ياخشى تۇتۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە- ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم-كوتسىز قاتتىق تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگىلەردىن بولۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا ئۈلگىلەردىن بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن خاتىرجەم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگىلەردىن بولۇپ، «دەل جايىدا» بولۇش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ «دەل جايىدا» ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىشىغا، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ «دەل جايىدا» ئەمەلىيلىشىشىگە، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ «دەل جايىدا» ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، خىزمەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى ئاساسىدا تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشتا ئۈلگىلەردىن بولۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشتە ئۈلگىلەردىن بولۇپ، «تۆت بىر گەۋدە قىلىنغان» نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر