باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوزغاتتى

 مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي

2019.02.25 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چوڭ تۈر ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ سېتىش سوممىمىز ھەر يىلى %20لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ باردى، ھازىر ئۈچ تۈرنىڭ سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چوقۇم ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىكىدىكى بىر يالتىراق مەرۋايىتقا ئايلىنىدۇ!» دېدى 1- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن چياڭ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلىرى دەل ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى ئاپتونوم رايوندا ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %15.1 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %13.7 ىنى ئىگىلىگەن، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك موتورىغا ئايلانغان.

  كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى: قۇرۇلمىنى تەڭشەش يېڭى ماكان ياراتتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى «قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئۇزارتىپ، كەسىپ ئومۇمىي مىقدارىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەرنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەر تەرەققىياتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى گەۋدىلىك بولدى. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە فوتوۋولتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كەسىپ توپى شەكىللەندۈرۈلدى؛ يېڭى ماتېرىيال كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، يۇقىرى ساپلىقتىكى رۇسې ماتېرىيال ياساش پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر كەسىپكە ئايلاندى، لىتىي مېتالى، ئاۋىياتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان خىروم مېتالى، يېڭى بىر ئەۋلاد كىرېمنىي كاربىد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ يەككە تەنلىك كىرىستال پىلاستىنكا قاتارلىق تېخنىكىلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى. ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور، تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قاتارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش سەۋىيەسى دۇنيادا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

  شىنجاڭ جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ھازىر چوڭ تىپتىكى شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 20 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى. «شىركەت پۈتۈن يەر شارىدىكى شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياساش كارخانىلىرى ئىچىدە ئۇدا يەتتە يىل دۆلەت ئىچىدە 1- ئورۇندا، ئۇدا ئالتە يىل پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى 3- ئورۇندا تۇردى، بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭدا ياسالغان شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى جىنفېڭ پەن - تېخنىكا شىركىتى سىستېما باش كونترول بۆلۈمىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسى خۇاڭ شياۋفاڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئىچىدە ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىرى يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ساھەسى بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %15، %36، %7.9، %12.8 ئاشقان.

  «بىر جەھەتتىن، ئاپتونوم رايون مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتا سۈرئەتنى ئاستىلاتتى؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىلەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تەدرىجىي ھالدا مەبلەغ سېلىشنى قوزغىتىشتىن يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىشقا ئۆزگەرمەكتە» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ نىڭ.

  ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى: يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش، باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇھىم، زور تۈرلەرنى باشلاش، پەن- تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چىڭخۇا داشۆ، سىچۈەن داشۆ، بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى داشۆسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش - تەتقىقات ھەمكارلىقى ئېلىپ باردى ھەم چىڭخۇا داشۆدىكى ئاكادېمىك جىن يۇڭنىڭ باش مۇتەخەسسىسىلىكىدە ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى قۇردى.

  «كۈچلۈك پەن تەتقىقات ئۆمىكىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىز 2012- يىلىدىن باشلاپ دېۋىرقاي بىيودېگراتسىيەسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق ھەم گېرمانىيە، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلدۇق، ئېكسپورت مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولدى» دېدى لەنشەن تۇنخې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى پېڭ.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى تايانچ قىلغان، كارخانا تېخنىكا مەركىزىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان زامانىۋى كەسىپلەر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، 22 كارخانا تېخنىكا مەركىزىنى بېكىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتتى.

  «بىز كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىدە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردۇق؛ كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىش ـ تۈر تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپلەردە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خۇ كەيجياڭ.

  بۈگۈنكى كۈندە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش بارغانسېرى كۆپ كارخانىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. شىنجاڭ كاڭرۇنجيې مۇھىت ئاسراش پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر يىلى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا سالغان خىراجىتى 5 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، تىجارەت كىرىمىنىڭ %25ىنى ئىگىلىدى. «پەقەت تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقاندىلا، بىز ئاندىن ساھەلەر تەرەققىياتىنىڭ ئېگىزلىكىنى بالدۇر ئىگىلەپ، بازار رىقابىتىدە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايمىز» دېدى مەزكۇر شىركەتنىڭ باش مۇدىرى كۇڭ لىمىڭ.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساشقا ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىپ، كارخانىلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېڭى ئەندىزە قوللىنىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، توققۇز تۈردە دۆلەتنىڭ تولۇقلىما مەبلىغىگە ئېرىشىپ، ياسىمىچىلىقتا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردا يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، قوللانغان كارخانا 30 ئەتراپىغا يەتتى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش ئاپتونوم رايونىمىز ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈردى» دېدى خۇ كەيجياڭ.

  تەرەققىيات يۆنىلىشى: كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

  بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىيات نىشانى ــــ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشىنى ساقلاش؛ قوشۇلما قىممىتىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى بۇلتۇرقىدىن %1 پوئېنتتىن %2 پوئېنتقىچە ئۆستۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسەت مۇھىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن قول سېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز بىردىن ئىككىگىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى يېتىلدۈرىدۇ؛ كارخانا تېخنىكا مەركىزى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش - تەتقىقات بىرلەشمە ئېچىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىق 40 ئەتراپىدا تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى يېڭىدىن قۇرىدۇ؛ كارخانىلارنى 500 ئەتراپىدا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، 40 ئەتراپىدا نۇقتىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش بايلىق مەنبەسى يىغىلىپ توپلانغان، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى، كەسىپ ئۈنۈمى ياخشى سەككىزدىن ئونغىچە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر زەنجىرىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، سەككىزدىن ئونغىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەت ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئۆزگىچە كەسىپ يىغىلىش- توپلىنىش رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ھەرقايسىسى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي قاتارلىق يەتتە چوڭ ياسىمىچىلىق بازىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، بەرپا قىلىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بازار ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، باغچە رايونىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچىلىكى روشەن، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپ زەنجىرى ۋە كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرىدۇ.

  «بىز يەنە ئەلئارا كاپىتال، كەسىپ فوندى، يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى فوندى قاتارلىق مەبلەغلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ساھەسىگە سېلىنىشىنى پائال قوللاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئالدى بىلەن مەدەت بېرىمىز» دېدى خۇ كەيجياڭ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر رەيھان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەۋاتىدۇ ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش رايونىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، كۆپ ساھەلىك، كۆپ قاتلام دەرىجىسىدىكى، ھەرتەرەپلىمە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىجتىمائىي كەيپىياتى ۋە سىياسەت مۇھىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر