باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

2019.02.25 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى(مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزى) چاغانلىق ساياھەت ئىقتىسادى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت كىرىمى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %70تىن كۆپرەك ئېشىپ، ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدا دۆلەت ئىچى ساياھەتچىدىن جەمئىي 3 مىليون 11 مىڭ 700 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.33ئاشتى؛ 3 مىليارد 616 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.42 ئاشتى.

  رەڭدار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايرام تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، مول مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، قار-مۇز ساياھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، مەدەنىيەت-ساياھەت-سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە گۈللىنىشى قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىدە يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قىش پەسلىدىكى ساياھەتچىلىك سۇس مەزگىلدە سۇس بولماسلىق، قىش پەسلىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى «تاقىماسلىق» قاتارلىق قىش پەسىللىك ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچىلا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 300 تۈرگە يېقىن مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  «بۇ يەرنىڭ قار سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن.» چاڭچۈنلۈك ساياھەتچى نيۇ شياۋيىڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالتاي شەھىرىنىڭ جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ، بۇ يەردىكى «توزغاقسىمان قار»نى ھېس قىلدى. جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى، شىنجاڭ بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ ھەممىسى چاغان مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئېقىم مىقدارىنى كۈتۈۋالدى. ئۈرۈمچى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق قار- مۇز بايلىقى مول ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر قار-مۇز ساياھىتىدە «باش رول» ئېلىپ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى كېلىپ چاڭغا تېيىلىشقا جەلپ قىلدى.

  قىسقا مۇساپىلىك ئائىلىۋى ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار ساياھىتى، شەھەر ئەتراپىدىكى يېقىن مەنزىرە رايونلىرىغا، قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بېرىش، ساياھەت-سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە مۇز تېيىلىش، قار ئويناش، پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش چاغانلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى. توردا داڭ چىقارغان، «كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىدىغان» جاي−شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار چاغاندا 358 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

  شىمالىي شىنجاڭدا قاردىن ھۇزۇرلىنىش، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆرپ-ئادەتلەرنى كۆرۈش. چاغان مەزگىلىدە، دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ئۆي قېيىق ئويۇنى، ياڭگىر ئۇسسۇلى قاتارلىق شېخو كوچا ئويۇنلىرى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئۆرپ- ئادەت ئويۇنلىرى زور تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنىلا، مەنزىرە رايوننىڭ شېخو كوچا ئويۇنلىرى 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «بۇ يەردىكى ئۆرپ- ئادەت ئويۇنلىرى بەك ئېسىل ئىكەن، ھەر مىللەت ئامما چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزىدىكەن» دېدى جېجياڭلىق ساياھەتچى لى پېڭ. چاغان مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە جەمئىي 300 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.15 ئاشتى.

  قىش پەسلىدە مەنزىرە رايونلىرى ئېچىۋېتىلدى، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. «چاغان مەزگىلىدە 300دىن ئارتۇق ئادەمنى كۈتۈۋالدۇق». باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى لۇ خۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلىپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىغا بېرىپ ئۆزگىچە بېلىق زىياپىتىگە ئېغىز تېگىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر