باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.02.25 16:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى مۇدىرلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىر قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى قاتارلىقلارنى سىجىل ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك تىرىكى ئىكەنلىكىنى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي ھالدا خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشى يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇش ۋە مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت-بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ بەرپا قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەشۋىق-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەت يۈكلىمىسى ۋە ئۇسۇل ۋاسىتىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى خۇلاسىسى ۋە 2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر