باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېقىندا ئايروپىلان بېلىتى باھاسىدا كۆپ ئېتىبار بېرىلىدۇ

2019.02.25 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىچى، سىرتىغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى زور دەرىجىدە چۈشىدۇ، ئالاھىدە باھالىق بېلەتلەردە ئېتىبار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە كۆپلەپ ئېتىبار بېرىلىدىكەن. شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى: ئۈرۈمچى-جېڭجۇ 590 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-شاڭخەي 980 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-خاڭجۇ 750 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-شيامېن 1040 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-بېيجىڭ 990 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-تيەنجىن 830 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-شېنياڭ 1220 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-چىڭداۋ 930 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-چىڭدۇ 830 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ 620 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-چاڭشا 800 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-گۇاڭجۇ 1320 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-شېنجېن 1000 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى: ئاقسۇ-ئۈرۈمچى 220 يۈەندىن؛ قەشقەر-ئۈرۈمچى 350 يۈەندىن؛ غۇلجا-ئۈرۈمچى 180 يۈەندىن؛ قاراماي-ئۈرۈمچى 150 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بېلەت باھاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئايروپىلان بېلىتى باھاسى: ئۈرۈمچى-بېيجىڭ 590 يۈەندىن؛ ئۈرۈمچى-تيەنجىن 560 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-چېڭدۇ 650 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ 500 يۈەندىن؛ئۈرۈمچى - ۋۇخەن 650 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-گۇاڭجۇ 920 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر