باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاڭغا تېيىلىش چاغان ئۆتكۈزۈشتىكى يېڭى ئۇسۇلغا ئايلاندى

چاغان مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۈتۈۋالغان ئادەم سانى جەھەتتە يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى

2019.02.25 16:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى جەھەتتە يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى. چاڭغا تېيىلىش سۈرئەت بىلەن ھېسسىياتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، نۇرغۇن ساياھەتچى شامال بىلەن بەسلىشىپ غۇيۇلداپ قار تېيىلىپ راھەتلەندى، چاڭغا تېيىلىش چاغان ئۆتكۈزۈشتىكى بىر خىل يېڭى ئۇسۇلغا ئايلاندى.

  چاغان مەزگىلىدە، ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى شى جىچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ چاڭغا تېيىلغانلار 10 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن %49 كۆپەيدى؛ شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 4000غا يېقىن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128 كۆپەيدى.

  شەخسىي ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى چاغان مەزگىلىدە يولغا قويغان يۈرۈشلۈك ئېتىبار پائالىيەتلەر چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتىنى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىردى. ياشلار چاڭغا تېيىلىش يولىدا بىمالال تېيىلدى، كىچىك دوستلار قار تېيىلىدىغان چاقتا قانغۇچە شادلاندى. يەنە نۇرغۇن كىشى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئايلىنىپ، قىش كۈنلىرىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا قاقلىنىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ، چىن ھېسسىياتلىرىنى ئالماشتۇردى.

  «ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، چاڭغا تېيىلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىلەندىم. بۇ يىل چاغاندا، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستۇم چاڭغا تېيىلىشنى تاللىدى». ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جېڭ جيېگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىل چاغان ھەرىكەت خۇشاللىقىغا تولدى، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا ئۈچ قېتىم بېرىپ چاڭغا تېيىلىپ، پۇخادىن چىققۇچە شادلاندى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگوۋ بازىرىغا جايلاشقان بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 2-ئاينىڭ 7-، 8-، 9-كۈنلىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بۇ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىغا يېقىنلاشتى. بۇ قار تېيىلىش مەيدانى كارخانا پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يۈ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000-7000 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

  چاغان مەزگىلىدە، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئانچە يىراق بولمىغان شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھ رايونىمۇ ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى. «دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 4-كۈنى 24 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، يەككە كۈندىكى ساياھەتچى سانى جەھەتتە تارىخىي يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى». شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھ رايونى چاغان مەزگىلىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى، بۇ، بۇلتۇر چاغاندىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 كۆپەيدى.

  1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەن نۇرغۇن قار-مۇز ساياھەت مەھسۇلاتىنى بازارغا سېلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا قار- مۇز مەدەنىيىتى، قار-مۇزدىكى ھېس قىلىش، قار-مۇزدا كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساياھەت-بايرام تەبرىكلەش پائالىيىتى جەھەتتە سالماقنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر