باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 230 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2019.02.25 16:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىل چاغاندا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تاشيولدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 10 مىليون 260 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. تىجارەت خاراكتېرىدىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىن 970 مىڭى يولغا سېلىنىپ، 2018-يىلى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 230 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  2-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسپورت نازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان « 2019-يىللىق شىنجاڭنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتى» دىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جەمئىي 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى مۇقىم بولۇپ، چاغاندىن كېيىنكى تىرانسپورت بېسىمى ئۆرلەيدىكەن. كېيىنكى باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلار، ئىشلەمچىلەر، تۇغقان يوقلايدىغانلار، ساياھەتچىلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، قىسمەن رايونلاردا يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر