باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ دىنىي مەدەنىيىتى ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ يەشمىسى ⑸

2018.11.22 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى رېن خۇڭ

  جۇڭگو كۆپ خىل دىن بار دۆلەت، كۆپ خىل دىن سىڭىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بىر- بىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، دىنىي مەدەنىيەت مول ۋە كۆپ خىل، دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ كاپالىتىدە، شىنجاڭنىڭ دىنىي مەدەنىيىتى ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاق تاشلىق كىتاب دەپ ئاتالدى) شىنجاڭدا كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت سىڭىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تارىخىي پاكىتلار، دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەر، ماتېرىياللارنى نەشر قىلىپ تارقىتىش، دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئەمەلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دىنىي مەدەنىيەتنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە قوغدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تارقالغان مۇھىم رايون، دىنىي مەدەنىيەت جۇغلانغان جاي، كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت سىڭىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك تارىخ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ ھازىرغىچە يەنىلا شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلمەكتە. شىنجاڭدا ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى تارقالغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن باشلاپ، زوروئاستېر دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ سىرتتىن ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت تەدرىجىي شەكىللەندى. كېيىن تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن تارقىلىپ كىردى، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى ۋە ئۆزگىرىپ تۇردى. بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى، كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت ئۇزاق مۇددەت سىڭىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، بىر- بىرىنى ئۆرنەك قىلدى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىش جەريانىدا تەڭشەلدى، ئۆزگەردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، تويىن دىنى قاتارلىقلار بار. شامان دىنى بىلەن زوروئاستېر دىنىنىڭ ئامىللىرى ھازىرغىچە ساقلانماقتا، مەسىلەن، ئوتقا چوقۇنۇش تۇرمۇش ئادىتى شەكلىدە ساقلىنىپ كەلدى. قازاق چارۋىچىلار يايلاق كۆچكەندە، گۈلخان يېقىپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنى گۈلخان يېنىدىن ماڭغۇزىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىدا، كېلىنچەك ئوت يېقىلغان داستىن ئاتلايدۇ. بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭقۇر، يەكەن، قاغىلىق، قەشقەر، قومۇل، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى بەزى قەدىمىي مەسچىتلەردە، ھېلىھەم بۇت تەكچىسى، نېلۇپەر نۇسخىسى، نېلۇپەر كۇرسى قاتارلىق ئىزنالار ساقلىنىپ قالغان. تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلار مەسچىتتە ناماز ئۆتىگەندە بۇددا تەسۋىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەسۋە ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇمۇ بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى. شىنجاڭدىكى بەزى داڭلىق ئىسلام دىنى مازارلىرى ئىپتىدائىي دىننى مەنبە قىلغان، يەنە بەزىلىرى ئىلگىرى بۇددا دىنى ياكى باشقا دىنلارنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان. مەسىلەن، خوتەندىكى نيۇجياۋشەن، تۇرپاندىكى تۇيۇق ئىلگىرى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ مازىرىغا ئايلىنىپ، كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولۇپ قالغان. تويىن دىنىمۇ شىنجاڭغا تارقىلىش جەريانىدا بۇددا دىنىدىكى ئاز بولمىغان مەزمۇنلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىككى دىن سىڭىشىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشى، سىڭىشىشى، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، ھەر خىل دىنىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى، ئۆزئارا سىڭىشىشى، قوبۇل قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە.

  پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش دىنىي مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ توغرىلىق تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. دۆلەت ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق دىنلارغا دائىر قەدىمكى ئەسەرلەرنى، ماتېرىياللارنى كۆپ خىل تىل- يېزىقتا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىپ تارقىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شىنجاڭ «قۇرئان كەرىم»، «سەھىل بۇخارى جەۋھەرلىرى» قاتارلىق دىنىي كىلاسسىك كىتابلارنى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقتا تەرجىمە قىلدى ۋە نەشر قىلىپ تارقاتتى، يۈرۈشلۈك «ۋەز- تەبلىغ توپلىمى»نى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتا تەھرىرلەپ تارقاتتى. خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىل- يېزىقتا شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تور بېكىتى ئاچتى. «ئالتۇن يارۇق 2- توم»، «مايتېرىسېمىت» قاتارلىق دىنىي قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەپ نەشر قىلدى. دىنىي كىتاب- ژۇرناللار تىجارىتى قىلىدىغان مەخسۇس سېتىش نۇقتىلىرىدا، «قۇرئان كەرىم»، «ئىنجىل»، «ئالتۇن يارۇق» قاتارلىق ھەر خىل دىنىي ئەسەرلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تارىخى ئۇزاق، دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مول ھەم كۆپ خىل. ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭدىكى دىنىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى ئەينەن تونۇشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى، موڭغۇلكۈرە شېڭيوۋ بۇتخانىسى، قىزىل مىڭئۆي قاتارلىق 109 ئورۇندىكى دىنىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 46 سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن 63ى بار. مەركىزىي ھۆكۈمەت دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قىزىل مىڭئۆي، بېزەكلىك مىڭئۆي، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىقلارنى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ رېمونت قىلدۇردى، يېڭىلىدى. شىنجاڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ تۇرپان سۇلايمان مۇنارى، موڭغۇلكۈرە شېڭيوۋ بۇتخانىسى، ئۈرۈمچى خۇڭمياۋزى داۋگۇەنى قاتارلىق 28 ئورۇندىكى دىنىي ئىمارەت (سورۇن)نى رېمونت قىلدۇردى. دىنغا مۇناسىۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى.

  دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. ئاق تاشلىق كىتابتا بۇ تولۇق شەرھلەندى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىغدۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشماسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە، بۇددا دىنى قاتارلىق سىرتتىن كىرگەن دىنلار جۇڭگوچىلىشىش، ئۆزلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇددا دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇپ شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئىسلام دىنى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىنى بويلاپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت شۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە تەدرىجىي جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى ھەمدە يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلدى. مەسىلەن، ئىسلام دىنى ئەسلىدە ئاللادىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ياكى نەرسىگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇراتتى، لېكىن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلاردا ئىزچىل مازارلارنى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى مەۋجۇت. يەنە مەسىلەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا سېلىنغان ئۈرۈمچى شەنشى چوڭ مەسچىتىنى ياسىغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى لىم- تۈۋرۈكلۈك قۇرۇلمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە يەنىلا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى، ئۆز ئالدىغا دىنىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇشى، ئۆزى تارقىتىشى، ئۆزى باشقۇرۇشى، ئۆزىنى بېقىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

  شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەردىكى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، دەۋر تەرەققىياتى، ساغلام مەدەنىيلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر قېزىشىنى قوللاپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا، ئالغا بېسىشىغا ئۇيغۇن، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلەپ، دىنلارنى جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلىدى. سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە كىرىش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدا مېڭىش دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ تۈپ چىقىش يولى. پەقەت جۇڭگوچىلىشىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغان دىنلا، پەقەت جۇڭگوچىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دىنلا ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئالغا بېسىشىدا رولىنى پائال جارى قىلدۇرالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر