باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا ــ چاقىلىق ــ چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

2018.11.22 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ مىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇاڭ جىڭ فوتوسى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئايلىنىپ ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ــــ «كورلا ــ چاقىلىق ــ چەرچەن» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، چاقىلىقتىن چەرچەنگە ئايروپىلان قاتناپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچىدىكەن. چاقىلىق بىلەن چەرچەننىڭ ئارىلىقى 277 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن چاقىلىقتىن چەرچەنگە ئايروپىلاندا 40 نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كورلا ــ چاقىلىق ــ چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى بېلەت باھاسى 360 يۈەن، كورلا ــ چاقىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى بېلەت باھاسى 340 يۈەن، چاقىلىق ــ چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى بېلەت باھاسى 350 يۈەن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر