باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر» تۇتاشتۇرۇلدى

  ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى نەپكە ئىگە قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورىنى پائال بەرپا قىلدى

2018.11.22 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لوپنۇر ناھىيەلىك «خۇيكاڭ» يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇپ، جەمئىي 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يىللىق نەشپۈت ئۇيۇتمىسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 60 توننىغا يېتىدۇ، بۇ شىركەت شۇ جايدىكى نەشپۈت ئۆستۈرىدىغان باغۋەنلەرنىڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە 20 نەچچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق بېيجىڭ، ۋۇخەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. سۈرەتتە: 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىركەت ئىشچىسى پىششىقلىنىپ تەييارلانغان نەشپۈت ئۇيۇتمىسىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.(لى فېي فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: «بازار ياخشى!» دېدى قاراقاش ناھىيەسى ماڭلاي يېزىسى باش ماڭلاي كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابلېكىم مەمەت ھېلىلا ياڭاق سېتىپ تاپقان 10 مىڭ 800 يۈەننى ئېلىپ باش بارمىقىنى چىقارغىنىچە. قولىدىكى بىر تال ئەزالىق كارتىسى ئابلېكىمگە زامانىۋىلاشقان بازارنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنى ھېس قىلدۇرغانىدى.

  11- ئاينىڭ بېشىدا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرىدىكى شىنجاڭ ياڭاق (خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت زالى، ئامباردا ساقلاش سودا مەركىزى قاتارلىقلار كەينى- كەينىدىن پۈتتى، ئابلېكىم يېڭى بازاردا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تاماملىغان تۇنجى دېھقان بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، خوتەن دېھقانلىرى بۇ يەردە ياڭاق سېتىپ يېپيېڭى زامانىۋىلاشقان سودا ئەندىزىسىنى ھېس قىلدى.

  «ھازىر، بازار قۇرۇلۇشى تېخى تولۇق پۈتمىدى، لېكىن يەرلىك دېھقانلار ئۆزلۈكىدىن بۇ يەرگە كېلىپ ياڭاق سودىسى قىلىۋاتىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا زالى ئېچىلغان تۇنجى كۈنى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سودا سوممىسى تاماملىنىپ، مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى» دېدى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى جەي كەييۈەن.

  يېڭى بازاردا ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق سودا راسچوت قىلىش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، سېتىۋالغۇچى سودىگەر مۇددەتتىن بۇرۇن بازاردا ھېسابات ئېچىپ، مەبلەغنى ئالدىن ساقلايدۇ، دېھقانلار ياڭاقلىرىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، سېتىۋالغۇچى سودىگەر كېسىپ بەرگەن راسچوت ھۆججىتىنى ئېلىپ، راسچوت كۆزنىكىدە پۇلىنى ئالىدۇ، بۇنىڭدا ھەم دېھقانلارنىڭ نەق پۇل سودىسى ئادىتى قاندۇرۇلدى، ھەم مال پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشتىن ساقلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باغچى بازىرىدىكى ياڭاق سودا بازىرى تولۇق پۈتكەندىن كېيىن، مۇكەممەل ئامباردا ساقلاش، مەركەزلىك تەقسىملەش قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەرنىڭ ياردىمىدە بازاردا يىلىغا 350 مىڭ توننا ياڭاق سودىسى قىلىنىدىكەن، دېھقانلار بۇ يەردە ياڭاقلىرىنى سېتىپ، مۇقىم، شۇنداقلا ئېتىز بېشىدىكىدىن يۇقىرى باھادىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

  ئابلېكىم باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگىرىشلەر دەل ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى نەپكە ئىگە قىلىدىغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورىنى پائال بەرپا قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى داكۈي كەنتىدىكى ياڭاق سودىگىرى ئېلى نۇرمۇ كەسىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدە، ئېلى نۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ياڭاقلارنى ئىلغاپ تاللايدىغان، يۇيۇپ تازىلايدىغان ئەسلىھەلەرنى كىرگۈزدى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا سېتىپ بەرگەن ياڭاقلار پىششىقلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىدا سېتىلىدۇ.

  «ئىلگىرى بىز بىر يىلدا 300 توننا ياڭاق سېتىۋالاتتۇق، ھازىر 20 مىڭ توننا سېتىۋالالايدىغان بولدۇق» دېدى ئېلى نۇر، مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۆيىدىن چىقمايلا ياڭاقلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا چەت ئەل بازارلىرىغا ساتالايدىغان بولدى. جەي كەييۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى باشلامچى كارخانىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا دېھقان ۋاسىتىچىلەر ھەم دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا مەدەت بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىدى. ھازىر، كارخانىمىز باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى 30 نەچچىگە يېتىپ، دېھقان ئەزادىن 3000 دىن ئارتۇق كىشىنى تەرەققىي قىلدۇردى، دېھقان ۋاسىتىچىلەردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشىنى يېتىلدۈردى، 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى يېتەكلىدى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يېڭىدىن شىنجاڭ ئىچى ئامباردا زاپاس ساقلاش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق ئالتە تۈرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى، پىلاندىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 610 مىڭ كىۋادرات مېتىر. ھازىر، قاغىلىق ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى ئامباردا زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزى قاتارلىق كۆپ تۈرلەر تېز سۈرئەتتە قۇرۇلماقتا، كېلەر يىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن كەينى- كەينىدىن ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

  «كەلگۈسىدە، ھەرقايسى چوڭ ئامباردا زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركەزلىرىگە تايىنىپ، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى كەڭ دېھقانلار، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، دېھقان ۋاسىتىچىلەرنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىرتۇتاش ئۆلچەملەشتۈرۈپ پىششىقلاش، ئامباردا زاپاس ساقلاش، سېتىش، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىكى <ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر> يولنى راۋانلاشتۇرىدۇ» دېدى جەي كەييۈەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر