باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى:

سودا چەمبىرىكىگە «مىكرو مەمۇرىيەت زالى» ماكانلاشتى

2018.11.22 16:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى مۇھىت باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قايسى ھالقىلارنىڭ ئۆلچەملىك بولمىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئىلتىماسىمىز ھەمىشە قايتۇرۇۋېتىلەتتى، بىرلا كېچىكسە بىرقانچە كۈن سۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۈگۈن خىزمەتچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋەتتىم، بۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىتنى تېجەپ قالدىم.» 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دەۋر مەيدانىنىڭ 4- قەۋىتىگە «مىكرو مەمۇرىيەت زالى»نىڭ ماكانلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ، يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان جاڭ جې ئەتىگەندىلا بۇ يەرگە كەلدى.

  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، پۇقراۋى ئىگىلىككە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى «نۆل ئارىلىق·قېرىنداشلىق مېھرى شەكلى»دىكى نۇقتىدا تۇرۇش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇردى، تەستىقلاش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن خىزمەتچى خادىم ئاجرىتىپ، مىكرو نۇسخىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت چوڭ زالى ــــ كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، تەۋەلىك رايوندىكى چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە كىرىپ ماكانلىشىپ، كارخانىلارنى سىياسەت چۈشەندۈرۈشى، سودا- سانائەت بويىچە رويخەتكە ئېلىش، مەمۇرىي تەستىق قاتارلىق «بىر بېكەت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «مىكرو مەمۇرىيەت زالى» پۈتۈن لىنىيە بويىچە يېتەكلەپ بېجىرىش، ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش شەكلىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ تەستىق ئىشلىرىدا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاترايدىغان» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شۇ كۈنى، دەۋر مەيدانىنىڭ 3- قەۋىتىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشىك ئالدى بازاردەك قايناپ كەتكەنىدى، يەتتە ئىش بېجىرىش رايونى ئىچىدە، مەسلىھەت سوراپ كەلگەن، سودا- سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشكە كەلگەن ۋە مۇھىت باھالاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە كەلگەن كارخانا ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئىدى. ئىشىك ئالدىدىلا سودا- سانائەت تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالالايدىغانلىقىنى ئويلاپ، نۇرغۇن كارخانا ئىگىسى ۋە يەككە سودا- سانائەتچى ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتى بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورناتتى، «نۆل ئارىلىق · قېرىنداشلىق مېھرى شەكلى»دىكى نۇقتىدا تۇرۇش مۇلازىمەت ئەترىتى تۇنجى سورالغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، چەكلىك ۋاقىتتا بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى بىردەك يولغا قويۇپ، زىيارەتكە كەلگۈچىنى تۇنجى بولۇپ كۈتۈۋالغۇچىدىن بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى، ئۆز خىزمەت دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشلارنى تېزدىن بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى، تېلېفوندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى نەق مەيداندا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، كۆزنەك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىشنى، باشقا كۆزنەك ئورۇنلار بېجىرىدىغان ئىشلاردىن مەسلىھەت سورىغۇچىلارنى شۇ كۆزنەككە ئاپىرىپ قويۇش ھەم مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى؛ خىزمەتچى خادىملار ئاكتىپلىق بىلەن كارخانا ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە تۈرلۈك ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىپ بېرىپ، ماتېرىيالى تولۇق، رەسمىيىتى مۇكەممەل بولغان ئەھۋالدا مۆھلەتنى رەسمىي قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلاپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق سودا ئىشلىرى (ئاشلىق) تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىدا مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى زېڭ خەيمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ داۋاملىق تارقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ كارخانا تىيانشان رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئارقا- ئارقىدىن پۇل مۇئامىلە كەسپى، سودا مۇلازىمەت كەسپى، مائارىپ ۋە داۋالاشقا ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.

  زېڭ خەيمىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلار كەلدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مەسىلىنى ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا توغرا كەلدى. مەسىلەن، دەۋر مەيدانىدا، بۇ يەرگە ماكانلاشقان 500 گە يېقىن كارخانا ۋە سودىگەر بار، بەزىلىرى كىنىشكا- گۇۋاھنامىلەرنى تولۇق بېجىرگەن، بەزىلىرىنىڭ كىنىشكا- گۇۋاھنامىلىرى تولۇق ئەمەس، يەنە ئىشخانا بىنالىرىدىكى بەزى سودىگەرلەر سودا ئورنى، مەبلەغ قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق. ئۇلار دۇچ كەلگەن كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىيانشان رايونى نۇقتىدا تۇرۇش مۇلازىمەت ئەترىتى شەكلى ئارقىلىق ھەرقايسى تەستىقلاش ئورۇنلىرىنى تاللاپ، ئالدىن ئىش بېجىرىپ، كارخانا ۋە سودىگەرلەر توپلاشقان سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە تۇرۇپ، ئىشىكى ئالدىدىلا ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دەۋر مەيدانىدا 500 گە يېقىن كارخانا ۋە سودىگەر مەركەزلىك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ياخشى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، مۇلازىمەت مەركىزى چېكىنىپ چىقىدىكەن. نۇقتىدا تۇرۇشلۇق مۇلازىمەت ئەترىتى تىيانشان رايونىدىكى باشقا كارخانىلار ۋە سودىگەرلەر مۇلازىمەتكە جىددىي ئېھتىياجلىق سودا چەمبىرىكىگە بېرىپ داۋاملىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر