باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2018.11.22 16:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ،«تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بۇ مۇھىم ئىدىيەنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاڭلىق قوللىنىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شەيئىلەرنىڭ ھادىسىسىنى بىلىش تېخىمۇ مۇھىمى شەيئىلەر ھادىسىسىنىڭ ماھىيىتىنى، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، نەزەرىيەدە سەگەك بولۇش ئارقىلىق سىياسىيدا قەتئىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، بىز پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىشنى، نازارەت قىلىشنى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا، 12 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) دىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر