باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت توققۇز تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.11.22 16:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز خەۋىرىمىز. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»ىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەلىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىنقى مەزگىلدە بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ، بىۋاسىتە بېجىرگەن توققۇز تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ توققۇز دېلو تۆۋەندىكىچە:

  1. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لۇ گۇاڭجۈن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ شياۋشياڭ، ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى گۇەن شېڭلى، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جىمىڭ، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇساجان ئىمام، كاتتايلاق يېزىسى كۆيەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرمەمەت تۇرسۇن ئالتەيلەننىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى يېتەرسىز بولۇش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كېتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىش مەسىلىسى. 2018- يىلى 9- ئايدا، ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىنىڭ پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغانلىقىنى، توك، سۇ بېرىلمىگەنلىكىنى، كۆچۈپ كىرىش شارائىتى ھازىرلانمىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ئەھۋالدا، نامرات ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، بۇ شەھەر ئوتتۇرىغا قويغان «9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە چوقۇم %100 كۆچۈپ كىرىش» تەلىپىنى ئۆلۈك ئىجرا قىلىپ، كەنت كادىرلىرىنى كونا ئۆيلەرنى چېقىش، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا مەجبۇرلاپ، بەزى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىپ كېتىپ، كۆچۈپ كىرىش شارائىتى ھازىرلانمىغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامما ئارىسىدا ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاتۇش شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لۇ گۇاڭجۈن، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ شياۋشياڭغا ئايرىم- ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ كاتتايلاق يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى گۇەن شېڭلى، نامراتلارنى يۆلەش، ئەمىن ئۆي خىزمىتىگە مەسئۇل يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇساجان ئىمام، ۋاڭ جىمىڭ، كۆيەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرمەمەت تۇرسۇنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  2. تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى بايىن ئوبا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ بوۋېننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق، خىزمەت ئىستىلى پۇختا بولماسلىق مەسىلىسى. قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى بايىن ئوبا يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى دەل جايىدا بولماي، نامراتلارنى يۆلەش شەكلىنىڭ كۆپ قىسمى پۇل، ماددىي بۇيۇم تارقىتىش بولۇپ، ياردەم پۇلى توختىتىلغاندىن كېيىن، نامرات ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشىدىن ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن، ليۇ بوۋېن بىرقانچە يېزا كادىرىنى 2018- يىلى 1- ئايدىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىق مەخسۇس يىغىنى خاتىرىسىنى زەربىدارلىق بىلەن تولۇقلاپ يېزىشقا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغان. ليۇ بوۋېن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرىقى مەسىلىلەردە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار. ليۇ بوۋېنغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ مەمۇرىيىتى رېۋىزىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى، تاغارچى يېزىسى باغمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېشىت ئابدۇللانىڭ ئاممىنىڭ دەردىگە ئېتىبارسىز قاراش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى. 2018- يىلى 6- ئايدىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسى باغمەھەللە كەنتى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، پۈتۈن كەنتتىكى بارلىق دېھقانلار ئائىلىلىرىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ئۆلچىمى بويىچە ھويلا- ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. ئابدۇرېشىت ئابدۇللا خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئويلاشماي، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىغا ئېتىبارسىز قاراپ، مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، ۋەزىپە سېلىقى سېلىپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، نامرات ئەمەس ئايرىم ئائىلىلەر ھەتتا ھويلا- ئارانلىرىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبلىك «نامراتلىشىپ» كەتكەن. ئابدۇرېشىت ئابدۇللاغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  4. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شىنگو، ئىدىقۇت رايونى قارغوجا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىرى ئەخمەت راخماننىڭ ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا پەرۋا قىلماي، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەش مەسىلىسى. 2016- يىلى، جاڭ شىنگو، ئەخمەت راخمان تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى قارغوجا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئالمىغان، ئەتراپلىق باھالاشتىن ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، قىسمەن ئاممىنىڭ ئۆيىنىڭ قورۇ تېمىنى قارىغۇلارچە چېقىپ يېزا- كەنت يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، «پۈتمەس يول»غا ئايلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يول ھازىرغىچە ئوڭغۇل- دوڭغۇل بولۇپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە ئىنتايىن زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. جاڭ شىنگو، ئەخمەت راخمانغا ئايرىم- ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  5. قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر ئەلىنىڭ خىزمەتتە ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلىپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسى. ئەنۋەر ئەلى بۇ ئىدارىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە زىيارەت قىلىش، ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەكشۈرۈشكە ناھايىتى ئاز بارغان، خىزمەت ئەترىتى تۇرۇۋاتقان يېزا- بازاردىكى كادىرلار، كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بىر- بىرىنى تونۇمىغان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تاماقتا قىينىلىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلمىغان؛ ئىدىيەدە بىپەرۋا، خىزمەتتە پاسسىپ بولغان، «ئىككىنى تولۇق قاپلاش» بويىچە ئائىلىلەرگە كىرىش، ئائىلىلەردە قونۇش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلماي، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلماي، ئائىلىلەرگە كىرىش، ئائىلىلەردە قونۇشنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان. ئەنۋەر ئەلىگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىپ، دەرىجىسى مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قىلمايدىغان ۋەزىپىگە تۆۋەنلىتىلدى.

  6. خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ گېيۈ، قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خۇڭچاڭنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى. 2018- يىلى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى پۇكا كەنتى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇپ، «چېكىنىپ چىققان كەنت» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. لېكىن بۇ كەنتتىكى 20 ئائىلىلىكنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، ئورنى چەت، يىراقتا بولغانلىقتىن توك يەتكۈزۈلمىگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتە ئائىلىلىككە توكمۇ، سۇمۇ يەتكۈزۈلمىگەن، قىسمەن نامرات ئاممىنىڭ سۇ ئىچىش، توك ئىشلىتىش قاتارلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىغان؛ بۇنىڭدىن سىرت، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن سەككىز نامرات ئائىلە 2014- يىلىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن بەھرىمەن بولمىغان. بۇ يېزىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان دۇڭ گېيۈگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، شۈ خۇڭچاڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  7. ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى ئۇلاس بازارلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇڭلۇڭ، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش تۈرىنىڭ ئارخىپ خادىمى قادىربېك خاكىمقاننىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، ئۆتكەلنى ئىگىلىشى قاتتىق بولماسلىق مەسىلىسى. ئۇلاس بازىرىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئۆتكىلى قاتتىق بولماسلىق سەۋەبىدىن 18 كەنت ئاھالىسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئۇنى سېتىۋېتىپ پايدا ئالغان؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىدىغان نامرات ئائىلىگە كىرمەيدىغان قىسمەن كەنت ئاھالىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نامراتلارنى يۆلەش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان. جاڭ خۇڭلۇڭ، قادىربېك خاكىمقانغا ئايرىم- ئايرىم پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  8. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى ئارا ئۆستەڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇڭچۈەننىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇشتا سانغا ئەھمىيەت بېرىپ ئۈنۈمگە سەل قاراش مەسىلىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرماي، ئەمەلىيلەشتۈرمەي، بۇ بازارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ تېگى- تەكتىنى ئېنىق بىلمەي، ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشەنمەي، ئايرىم كەنتلەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە تۇغقانلاشقان ئوبيېكتلىرى توختىماي تەڭشىلىش، تۇغقانلاشقان ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنى تونۇماسلىق، پائالىيەت شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇش جەھەتتە بىر تەرەپلىمە ھالدا سان قوغلىشىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، 2017- يىلىدىن بۇيان بۇ بازار تەشكىللىگەن تۆت قارارلىق ماھارەت تەربىيەسىگە قاتناشقان 189 كىشى ئىچىدە ئاز ساندىكى كۇرسانتلارلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تەربىيەلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان. ياڭ خۇڭچۈەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  9. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى، كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىسى تۆۋەن دوغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى ئەنۋەر روزىنىڭ ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەشكە بېرىلمەسلىك مەسىلىسى. يىغىن ئېچىش ئۈچۈنلا يىغىن ئېچىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەتقىق قىلمىغان، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلمىغان، خىزمەتتە يۈزەكى ئىش قىلىپ، شەكىلۋازلىق قىلغان، ئۇدا نەچچە كۈن ئېچىلغان يىغىندىن خاتىرە قالدۇرغاندا بىر خەتنىمۇ ئارتۇق- كەم قىلماي، باشتىن- ئاخىر ئوخشاش يازغان؛ كەنت ئاھالىسىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋەدىنامىسى ئىمزالاش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەندە، ھەم ئۇيغۇرچە يېزىق نۇسخىسىنى تەييارلىمىغان، ھەم تەرجىمىمۇ قىلدۇرمىغان، ئامما ۋەدىنامىنىڭ مەزمۇنىنى بىلمىگەن، شۇ سەۋەبلىك تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئەنۋەر روزىغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  يۇقىرىقى تىپىك دېلولارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلدى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدىكى جاھىل كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قەتئىي ئىشەنچى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىققەتنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»ىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەھەتتىكى 12 تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقىشى، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى ۋە تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، «مىخ قېقىش» روھى بىلەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي توختاپ قالماي يەنىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئاممىۋى خىزمەتكە نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش، كۆزىتىش- تەكشۈرۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي ئىسىم- فامىلىسىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر