باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2017.08.16 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شۇجى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن 8- ئاينىڭ 15- كۈنى جىڭ ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملارنى يوقلىدى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم يىغىن ئېچىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان تولى بازىرىنىڭ يېلىشىنەن كەنتى، ئۇلان دانداغاي كەنتىدىكى بىر قانچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا باردى. شۆھرەت زاكىر ھەر بىر جايغا بارغاندا چېدىرغا كىرىپ، ئاممىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم قايتا قۇرۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ، قايتا قۇرۇش پىلانىنىڭ لايىھەسىنى ئىگىلىدى.

  ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ 3- مەھەللىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 59 ياشلىق جيۇ جۈئېر شۆھرەت زاكىرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، يەيدىغان تامىقىمىز، تۇرىدىغان جايىمىز بار بولدى! شۆھرەت زاكىر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يۇرت- ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، قىش كىرىشتىن ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئىسسىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا ئىشەنچىم كامىل.

  شۆھرەت زاكىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، كۈچلۈك تەشكىللەپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى تېز، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەرتىپ بويىچە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى دەل ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، ئەھۋالنى ياخشى ئېنىقلاپ، كۆڭۈلدە سان تۇرغۇزۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ ئىلمىي پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى بۇ يىل ئىچىدە قايتا سېلىش ۋە رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كۈچ چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن تىنچ- ئامان ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇش، دەل جايىدا ئالاقىلىشىش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئوچۇق- ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى، قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە پاك بولۇش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىي بېجىرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپەت رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەر ئىشلىگەن خىزمەتلەرنى، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار، تەسىرلىك ئىش - ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشتە بىللە بولدى ھەم دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر