باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلار ۋە ياخشى يېتەكچىلەردىن بولايلى

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى(تەرجىمەئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تىلەك ئىبراھىم

2017.06.06 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئىزچىل ئىس- تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تەرجىمانلار، تىلشۇناسلار ۋە ئالىملار ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا زور مەسئۇلىيەت ۋە تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان.

  ئاتا- ئانام كىچىكىمدىن ماڭا دۆلەت ۋە خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، مەن كىچىكىمدىنلا خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، خەنزۇ بالىلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇم. كېيىن، تىل جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك ۋە ئەمەلىيەتنىڭ چېنىقتۇرۇشى بىلەن يەرلىكتە ئانچە- مۇنچە نامى بار تەرجىمانغا ئايلاندىم، كېيىن چەت، يىراق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك ناھىيەدىن پايتەخت بېيجىڭغا بېرىپ خىزمەت قىلدىم، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىدارىنىڭ تۇنجى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى بولدۇم.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى ئاجراتتى، بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى بىر تەرەپلىمە ۋە يۈزەكى تونۇشنى تۈگىتىشىمىز، تونۇشىمىزنى توغرىلاپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئۆسەك سۆزلەرنى قەتئىي تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  تەرجىمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزدىكى بىلىم ۋە ئالاقە دائىرىسى كەڭ، كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مىللىي تىل- يېزىق خىزمىتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىگە قويۇپ تەپەككۇر قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىناقلىق ئومۇمىيىتىگە قويۇپ ئىگىلەپ، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ تىل- يېزىق خىزمىتى نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇپ باشقۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ۋەزىپىسىگە قويۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق تىل- يېزىق مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئۈلگىلىك رولىم، تەشۋىقاتچىلىق رولىم ۋە يېتەكچىلىك رولىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە پاسسىپ ئامىللار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمنى كۈچەيتىپ ۋە ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مەدەنىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتى، تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ماقالە كۆرۈش، ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەش، ۋىۋىسكا ۋە ئادەم ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئاخىرقى چەكنى قەتئىي ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر