باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى، خوتەن، بورتالادىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قايتا قوزغىدى

2017.06.06 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئايرىم- ئايرىم كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش «بىرىكمە مۇشت»نى قاتتىق ئېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىيلەر، زوراۋان- تېررورچىلارغا دادىل قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالاپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي بولدى قىلمايمىز.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار: «ئۈچ مەيدان قاتتىق ئۇرۇش»نى ياخشى قىلىپ، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»دا غەلىبە قىلىمىز

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار 6- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ناھىيەلەردە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىش شەكلى ئارقىلىق «پۈتۈن پارتىيە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، <ئۈچ مەيدان قاتتىق ئۇرۇش>نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، <بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى>دا غەلىبە قىلىش» بويىچە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن بولۇپ 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەيۋەت بىلەن قەسەم بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى.

  يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي- باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىش، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

  ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كۇلان قاتارلىق بەش كىشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ باشچىلىقىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر كوللېكتىپ قەسەم بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار«پۈتۈن پارتىيە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، <ئۈچ مەيدان قاتتىق ئۇرۇش>نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، <بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى>دا غەلىبە قىلىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتقا ئىمزا قويۇپ، ۋەدە بەردى.

  خوتەن ۋىلايىتى: ھەققانىيەت خەنجىرىنى«ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يۈرىكىگە سانجىمىز

  5- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردە تەرتىپ بويىچە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، <ئىككى يۈزلىمىچى>لەرنى تارتىپ چىقىرىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئاممىۋى چوڭ يىغىن ئېچىلدى. ناھىيە- شەھەرلەر شەھەر رايونىدا ئايرىم- ئايرىم ئاساسىي يىغىن مەيدانى، 1498 كەنت (مەھەللە) تە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلدى ھەم رادىيودا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئارقىلىق، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئامما يىغىنغا قاتناشتى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى يىغىنىغا تولۇق قاتناشتى ھەم ئاساسىي تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى»غا بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كونا بىلەن يېڭىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، قايىل قىلارلىق سۆزلەر بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە قىلدى ۋە يېتەكلىدى.

  ئامما، دىنىي زاتلار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يىغىندا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ، چوڭقۇر ئويلاندى. ئۇلار بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: بۈگۈندىن باشلاپ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئاخىر زامانىغا تەتۈر ساناق باشلاندى، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، زوراۋان- تېررورچى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ، ھەققانىيەت خەنجىرىنى«ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ يۈرىكىگە سانجىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئەجەللىك زەربە بېرىمىز.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئاۋانگاراتلاردىن بولىمىز

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى سىنلىق يىغىن شەكلىدە كادىرلار ۋە ئامما دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بورتالا يىغىن مەركىزىدىن تارتىپ ناھىيە- شەھەر، يېزا- بازار، مەھەللىلەرگىچە بورتالا زېمىنىدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە لەنەت ئوقۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش چۇقانى ۋە ساداسى كۆتۈرۈلۈپ، «زېھنىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئاۋانگارتلاردىن بولىمىز» دېگەن ئۇيۇشۇش سىگنالى ياڭرىدى.

  پائالىيەتنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەرھات توختى ئوبلاستتىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنى ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەپ، پولات سېپىل بەرپا قىلىپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئۈزۈل- كېسىل زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قېزىپ چىقىرىپ، پاك- پاكىز يوقىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

  يىغىندا، «بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خېتى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى. كادىرلار ۋە ئامما بەس- بەستە «زېھنىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئاۋانگارتلاردىن بولىمىز» دېگەن پىلاكاتقا ئىمزا قويدى.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى شىنئەن، مۇ لىن، ئوۋ دىڭ)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر