باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى پائال قوللايدۇ

2017.06.06 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2017-يىللىق ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 5 مىليارد 115 مىليون يۇەن ئاجراتتى، قوللاش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1849 موزىي، خاتىرە سارىيى ۋە مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، 1094 شەھەر دەرىجىلىك ۋە 5869 ناھىيە دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۈتۈپخانا ۋە مەدەنىيەت سارىيى، 41 مىڭ 51 يېزا بازالىق مەدەنىيەت پونكىتى ۋە شەھەر كوچا مەھەللە مەدەنىيەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدەنىيەت ئىسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. 2008-يىلى مەركەز موزىي، خاتىرە سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغاندىن بۇيان، 10 يىلدىن بۇيان مەركەز مالىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدەنىيەت ئەسلىھەسىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش مەبلىغىدىن 40 مىليارد 700 مىليون يۇەن ئورۇنلاشتۇرۇدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۇقراۋى موزىيى قاتارلىق پۇقراۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر