باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز ئۆلكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلىغى بىرلەشتۈرىۋېتىلدى

2017.06.06 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مەركەز مالىيەسى قىسمەن نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 640 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەككىز ئۆلكىنى تەقدىرلەيدۇ.

  تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن ئۆلكىلەر ئەنخۇي، خېنەن، خۇنەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، يۈننەن، شەنشى ۋە گەنسۇدىن ئىبارەت، ھەر بىر ئۆلكە شەھەر 80 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قىسمەن ناھىيەلەر مالىيەدىن يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز مۇددىتىدە غەلىبە قازىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2016-يىلىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن مالىيەدىن يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى سىناق قىلغان. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 961 نامرات ناھىيەدە بىرلەشتۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىپ، بىرلەشتۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەر دەرىجىلىك مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 320 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر