باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گولمۇت كورلا تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى

2017.06.06 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇن، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشتىكى 3-تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى، «قۇملۇقتىكى يېڭى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان گولمۇت كورلا تۆمۈر يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش رەسمىي رېلىس ياتقۇزۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

  جۇڭگو تۆمۈر يول 1-ئىدارىسى شىنيۈن شىركىتى گولمۇت كورلا تۆمۈر يولى تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ كىجۈن مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش 2016-يىلى 8-ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، قۇم-بوران، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش، ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتىدىن 12 كۈن بۇرۇن رېلىس ياتقۇزۇشنى باشلىدى.

  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى نۇقتىلىق تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۆمۈر يول پۈتتۈرۈلگەندىن كېيىن، گولمۇتتىن كورلىغىچە بولغان ئارىلىق ئەسلىدىكى 26سائەتتىن 12سائەتكە قىسقىرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بېرىشتا قۇمۇلنى ئايلىنىپ ماڭمىسىمۇ بولىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يول شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گولمۇت-كورلا تۆمۈر يولى-ئېلىمىزدىن غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، قارا دېڭىز رايونىغا بارىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت يولى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونى بولۇپمۇ چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈر يول تور قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسى ۋە بايلىقنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر