- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«2016-يىلى جۇڭگو مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى» ئېلان قىلىندى
2017.06.06 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «2016-يىللىق جۇڭگو مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى» نى ئېلان قىلدى. ئاخباراتتىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى مۇھىت ھاۋا سۈپىتى يېڭى ئۆلچىمى يولغا قويۇلغان 1-باسقۇچلۇق كۆزىتىشتە 74 شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %74.2 كە يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن ئۈچ پوئېنت ئۆرلىگەن؛ ئۇششاق دانچە PM2.5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 2015-يىلىدىكىدىن %9.1 تۆۋەنلىگەن.
مەملىكەت بويىچە 338 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى %78.8 كە يېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن 2.1 پوئېنت ئۆرلىگەن؛ ئوتتۇرىچە ئۆلچەمدىن ئاشقان كۈچ سانى نىسبىتى %21.1 كە يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر