باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى يەرمەنكىسى 5- نويابىر باشلىنىدۇ

2015.10.23 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى 5- نويابىردىن 8- نويابىرغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ22- ئۆكتەبىردىكى 3 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە«يىپەك يولىنى يادرو قىلغان ئىجادىي شىنجاڭ» باش تېما قىلغان، مەدەنىيەت كەسپى بازىسى، سەنئەت ئەسەرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، زامانىۋى تارقىتىش ۋاستىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە كارتون، ھۆسنىخەت، ئىجادىي لايىھە، ساياھەت، ئارام ئېلىش قاتارلىقلار مەركەزلىك نامايەن قىلىنىپ،شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت كەسىپلىرى تونۇشتۇرۇلغان.نۆۋەتتە، يەرمەنكىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، مەيدان - ساراي ياساش خىزمىتى 3 - نويابىر رەسمىي باشلىندۇ. ،21- ئۆكتەبىرگە قەدەر، 200 گە يېقىن ئورۇننىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر