باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى

2015.10.27 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 24-ئۆكتەبىر، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن تېلېفونلىشىپ، سۇرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. 23- ئۆكتەبىر، ئامېرىكا، رۇسىيە ، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 30- ئۆكتەبىر دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى كېڭىشىپ بېكىتتى. سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشى ۋە ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىش قاتناشماسلىقى، سىياسىي مۇساپىنى قايتىدىن باشلاش باشلىيالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئىزچىل تۈردە مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يېقىندا بىر قاتار دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قايتىدىن باشلاش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇمكىن.

  رۇسىيە كۆزنىكى تور بېكىتىدە 23- ئۆكتەبىردىكى تۆت تەرەپ سۆھبىتىگە قارتا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلاش، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش بىرلىك سېپىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئالدى بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى، بۇمۇ بۇ يىل 9-ئايدا رۇسىيە ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ سۇرىيەدىكى نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى. تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەينار ئوغلى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبىر ئارقىدىن سۆھبەت مەيدانىغا كىردى. ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئالماشتۇردى، ھەمدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  كېررى سۆھبەتتىن كىيىن مۇنداق دېدى: سۆھبەت ئىجابىي، ۋە نەتىجىلىك ئىلىپ بېرىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر 2012- يىلدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ پىرىنسىپنى قايتا تەكىتلەپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، سۇرىيە خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىگە بىردەك قوشۇلدى. بىراق بۇ نىشاننى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا غايەت زور ئىختىلاپ ساقلاندى. مەسىلەن، ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ياۋروپادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر، باشار تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل دەپ قارىماقتا. كېررى، كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان تەرەپلەر ئۈستىدە توختالغاندا، قاتار، ئىيوردانىيە، ئەنگلىيە ، فىرانسىيە ، گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تىلغا ئالدى ، ئىراننىڭ قاتنىشىش قاتناشماسلىقى توغرىسىدا ئېنىق قاۋاپ بەرمىدى.

  لاۋروف يەنە بىر قېتىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا ئېنىق ھالدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، باشار بارلىق ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك . ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەتكە ئىران بىلەن مىسىر قاتنىشىشى كېرەك . ئاندىن كىيىن، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى كېرەك . ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى موگەيرىنىمۇ شۇ كۈنى، ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لاۋروف 23- ئۆكتەبىر يەنە ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ئىشخانا تەسىس قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۇرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ماسلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى. تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىيوردانىيە ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە سام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

  تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كېررى زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن دەرھال ئىيوردانىيەگە يۈرۈپ كەتتى، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولىدۇ، ئاندىن كىيىن ئامېرىكىغا قايتىپ، زۇڭتۇڭ ئوباماغا دوكلات قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدىكى يېڭى سىياسىتىنى شەكىللەندۈردى. كېررى 24- ئۆكتەبىر لاۋروف بىلەن تېلېفونلىشىپ كېيىنكى سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. لاۋروف يەنە شۇ كۈنى، ئەگەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقان سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسىنىڭ توغرا ئورنى بېكىتىلسە، رۇسىيەنىڭ ئۇلارنى ھاۋادىن قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىياسىي مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى، لاۋروف يەنە، باشار بىقىندا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. رېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە: لاۋروفنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى، رۇسىيەنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىدىكى مەيدانىدا بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بىراق گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە. سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان.

  رۇسىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانىدا پەرق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئىككى قېتىملىق سۆھبەتتە ئارقىلىقلا سۇرىيە كىرىزىسىنى تەل توكۇس ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر يەردە ئۆلتۈرۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىككى دۆلەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، بۇ سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر