باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئاپتوموبىل تىپى بويىچە ھەق ئېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

2015.10.26 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ئۆكتەبىر سائەت نۆلدىن باشلاپ،G30 لىنىيەسىنىڭ شىڭشىڭشيادىن تۇرپانغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىندىغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ « ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەشكە ئائىت تەستىقى »دىكى ئۆلچەمگە ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىل تىپى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، پىكاپلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، 1- دەرىجىلىك تاشيوللاردا 0.35 يۈەن / كىلومېتىر ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ ئىچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئاپتوموبىل تىپى بويىچە ھەق ئېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - ترانسپورت نازارىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى» نىڭ 61 ماددىسىنىڭ 1 تارمىقىدىكى مەزمۇن ۋە مەملىكەت بويىچە ETCتورلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، 2010 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان « « ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن ئۆلچەم بويىچە ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەستىقى » دىكى ئۆلچەمگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 2015-يىلى 20- ئۆكتەبىر سائەت نۆلدىن باشلاپ يولغا قۇيۇش قارار قىلىندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر