- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ماناس» ۋە قىرغىز مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2015.10.26 16:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ماناس» ۋە قىرغىز مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 24- ئۆكتەبىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، كۆپ دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار «ماناس» داستانىدا ئىپادىلەنگەن قىرغىزلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدىنىيىتى، «ماناس» داستانىدا ئىپادىلەنگەن قىرغىزلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدىنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قېزىپ چىقىش ۋە تەتقىق قىلىشنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى.«ماناس» داستانى قىرغىز ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسىرى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا يەنە قىرغىز خەلقىنىڭ ئەمگەكچان ۋە ئەقىل - پاراسىتنىڭ سىمۋولى.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر