- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پولشا پارلامېنت سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش باشلاندى
2015.10.27 08:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 25- ئۆكتەبىر سائەت 7 دە، پولشا پارلامېنتى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش باشلاندى، 30 مىليوندىن كۆپرەك تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتقا ئاۋاز بەردى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە: بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان 8 مىڭ نامزات ئاۋام پالاتاسىدىكى 460 ئورۇننى، 400 نامزات كېڭەش پالاتاسىدىكى 100 ئورۇننى تالىشىدىكەن. مەملىكەت بويىچە 30 مىليوندىن كۆپرەك ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان سايلىغۇچى، 27 مىڭ ئورۇندىكى بىلەت تاشلاش پونكىتىدە بىلەت تاشلىغان، ئاۋاز بېرىش شۇ كۈنى سائەت 21 گىچە داۋاملاشقان. پولشا دۆلەت سايلام كومىتېتى 26- ئۆكتەبىر بىلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن پارلامېنتقا كېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پارتىيە گۇرۇھلارنى جاكارلايدىكەن، 27- ئۆكتەبىر ھەر قايسى پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورنىنى ئېلان قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر