باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتىدە ئىجابىي باھا بەردى

2015.10.26 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭ 19- ئۆكتەبىردىن 23- ئۆكتەبىرگىچە ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەنگلىيە تەرەپنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە كاتتا كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى، تاراتقۇلار ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەربابلارنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭى يۈكسەكلىك ئىلىپ كەلدى دېدى. زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ كۆپلىگەن كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، ئۈزلۈكسىز يېتىلىۋاتقان جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى. ئەنگلىيەنىڭ باش ئىجرائىيە ۋەزىرى قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى ئوسبىن ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۆزەتكۈچىلەر گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بىز جۇڭگو بىلەن دۆلىتىمىزگە ئالتۇن ئون يىل ئىلىپ كېلىدىغان ئالتۇن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى. بۇ ئەنگلىيەنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇھاپىزەت گېزىتى تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: باش ۋەزىر كامېرون ئېيتقان ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ غەربتىكى ئەڭ ياخشى شېرىكىگە ئايلاندى دېگەن قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەنگلىيەدىكى 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەگە قىلغان زىيارىتى كۆرنەرلىك مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن ئاساسلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۇزۇمدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر