باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

سوسىگايت كولومبىيە كوماندىسىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، دېدى

2018.07.03 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى سوسىگايت 2-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاللاش مۇسابىقىسى ناھايىتى مۈشكۈل، ھېچقانداق بىر كوماندىنى ئاسانلا يەڭگىلى بولمايدۇ، ئەنگلىيە كوماندىسى رەقىبى كولومبىيە كوماندىسىنى ھەرگىز سەل چاغلىمايدۇ.

  سوسىگايت ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسى ئارىسىدىكى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىشنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە كوماندىسى رەقىبى كولومبىيە كوماندىسىنى سەل چاغلاپ، باشقا كوماندىلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئۆتكۈزمەيدۇ. ئىلگىرى بىز مۇشۇ ئوخشاش نۇقتىدا تالاي قېتىم تۇرغان، تالاي قېتىم مۇشۇ يەرگە كەلگەن، ھازىر ئەتىكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئېيتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، بىز زېھنىمىزنى مۇسابىقىگە ۋە مۇسابىقىدىكى ئىپادىمىزگە قارىتىمىز.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قارىماققا ھازىرغىچە شاللىنىپ كەتكەن كوماندىلارنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغاندەك، بۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىرغىچە قېلىپ قالغان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى قالتىس ئىپادە كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيەنى شاللىۋەتكەن كوماندىلار ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ھەر بىر مەيدان شاللاش مۇسابىقىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، بىزمۇ ئوخشاش، رەقىبىمىزگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر