باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان 5 مىليون 810 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

2018.07.03 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش ئۈچ يىللىق ئۆتكەل جېڭى خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، ئېلىمىز نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش جەھەتتە پائال نەتىجىگە ئېرىشكەن. ھازىرغىچە ئېلىمىزدىكى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلاشقان، قايتا نامراتلاشقان 5 مىليون 810 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئومۇمىي سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە بولغان .

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېي يىغىندا مۇنداق دېدى : نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل جېڭى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تاماقلار بىلەن بىرلىكتە تەدبىرلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەشتە باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى.

  ما شياۋۋېي مۇنداق دېدى : دۆلەت نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان قىلىشقا تىرىشتى. نامرات ئاھالىلەرگە مايىللاشقان داۋالىنىش كاپالىتى سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلەش ئۆلچىمىنى %50 تۆۋەنلەتتى، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە بالنىستتا يېتىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى بەش پىرسەنت پوئىنتتىن ئاشتى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ناھىيە تەۋەلىكىدىكى دوختۇرخانىدا ياتسا، ئاۋۋال داۋالاپ ئاندىن ھەق تاپشۇرۇش ۋە «بىر كۆزنەك»تە نەق ۋاقتىدا راسچوت قىلىشنى يولغا قويدى . نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا ئالاھىدە داۋالاش كاپالىتى تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر