باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئالتە چوڭ ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلىدۇ

كۆپ مىقدارلىق يۈك تىرانسپورتىنى «تاشيولدا توشۇشتىن تۆمۈر يول، سۇ يولىدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2018.07.03 17:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ مىقدارلىق يۈك تىرانسپورتىنى «تاشيولدا توشۇشتىن تۆمۈر يول، سۇ يولىدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئۈچ يىل مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 2017-يىلدىكىدىن 1 مىليارد 100 مىليون توننا يەنى %30 ئاشۇرۇلىدۇ، سۇ يولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 500 مىليون توننا، يەنى %7.5 ئاشۇرۇلىدۇ، دېڭىز بويىدىكى پورتلارنىڭ كۆپ مىقدارلىق يۈكنى تاشيولدا توشۇش مىقدارى 440 مىليون توننا ئازايتىلىدۇ. بۇ يىلدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تۆمۈر يولنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سۇ تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تاشيول يۈك تىرانسپورتىنى تۈزەش، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۇچۇر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، شەھەر يېشىل يەتكۈزۈش قاتارلىق ئالتە چوڭ ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىرانسپورت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، تاشيولدا يۈك توشۇش مىقدارى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۈك توشۇشىدا يۇقىرى نىسبەت ئىگىلەيدۇ. ھەر خىل تىرانسپورت ئۇسۇلىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغان. قىسمەن رايونلارنىڭ تۆمۈر يول تىرانسپورت ئىقتىدارى يېتەرسىز، پورت ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالغان. يەتكۈزۈلۈشى يۇقىرى ئەمەس، تۆمۈر يول، سۇ يولى تىرانسپورتىنىڭ تۆۋەن تەننەرخ، تۆۋەن سەرپىيات ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغان.

  ئۇنىۋېرسال تىرانسپورتنىڭ تەشكىللىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش يېتەرسىز، ئۆلچەم قائىدىسى بىلەن تىرانسپورت مۇلازىمىتى قائىدىسى ئۇدۇللاشمىغان، ئۇسۇل ھالقىپ بىر گەۋدىلەشكەن توشۇشنى تەشكىللەش دەرىجىسى تۆۋەن، كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئۇلاپ توشۇشنىڭ بازار سۇبيېكتى ئاز، تەرەققىياتى ئېغىر ئارقىدا قالغان. ھازىر ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى پورتلارنىڭ تۆمۈر يول، سۇ يولىدا ئۇلاپ توشۇش نىسبىتى ئاران %2 ئەتراپىدا بولۇپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ %20 ئەتراپىدىكى سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور پەرق بار.

  تاشيول يۈك ئاپتوموبىللىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا، ئېغىر تىپلىق دىزېل يۈك ئاپتوموبىلى چىقارغان قالدۇق گاز ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق بۇلغىما مەنبەسىنىڭ بىرى. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى دېزىل ئاپتوموبىلىنىڭ مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاپتوموبىل مىقدارىنىڭ %7.8نى ئىگىلىگەن، لېكىن ئازوت ئوكسىد چىقىرىشى %57.3نى، ئۇششاق دانچە قويۇپ بېرىش مىقدارى %77.8نى ئىگىلىگەن، تۆمۈر يولنىڭ بىرلىك يۈك ئوبوروت مىقدارىنىڭ سەرپىياتى تاشيولنىڭ 7/1ىگە ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشى تاشيولنىڭ 13/1ىگە توغرا كېلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر