باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ جىشيەن بىلەن كۆرۈشتى

2018.07.03 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن 2- ئىيۇل بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى جاڭ جىشيەن بىلەن كۆرۈشتى.

  گو شېڭكۈن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى خەۋپسىزلىك تارماقلىرى زەھەر چەكلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە، يەنى دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

  جاڭ جىشيەن ئىپادە بىلدۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر