باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 18 كىۋانت بىتنىڭ چىرمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى

2018.07.03 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ مەكتەپنىڭ پىروفېسسورى پەن جيەنۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى لۇ چاۋياڭ، ليۇ نەيلې، ۋاڭ شىلىن قاتارلىقلار ئالتە نۇرنىڭ پوليارىزاتسىيەلىنىشى، يولى ۋە ئوربىتا بۇلۇڭى مومېنتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەركىنلىك دەرىجىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، خەلقئارادا 18 كىۋانت بىتنىڭ چىرمىشىشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق فىزىكا سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ چىرمىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش رېكورتىنى ياراتقان. بۇ نەتىجە «مۇھەررىر تەۋسىيەسى» شەكلىدە «فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋىرى»دە ئېلان قىلىنغان.

  بىر قانچە كىۋانت بىتنى باغلىنىشلىق كونترول قىلىش ۋە چىرمىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېڭەيتىشكە بولىدىغان كىۋانت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، بولۇپمۇ كىۋانتلىق ھېسابلاشنىڭ ئەڭ يادرولۇق كۆرسەتكۈچى. كىۋانتلىق ھېسابلاشنىڭ سۈرئىتى تەجرىبە مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدىغان چىرماشتۇرىدىغان بىت سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كۆرسەتكۈچ دەرىجىسى بويىچە ئاشىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىۋانت بىتنى چىرماشتۇرۇشتا يۇقىرى ئېنىقلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىۋانت ھالىتى شەكىللەندۈرۈش بىلەن مۇستەقىل كىۋانت بىت ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش رولىنى توغرا تەڭشەپ كونترول قىلىش كېرەك. كىۋانت بىت سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنى كونترول قىلغاندىكى شاۋقۇن، كاشىلا ۋە خاتالىقمۇ ئاشىدۇ. بۇ كىۋانت سىستېمىسىنى لايىھەلەش، پىششىقلاش ۋە تەڭشەشكە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، كىۋانت چىرمىشىشى ۋە كىۋانتلىق ھېسابلاشنىڭ تەرەققىياتىغا زور خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر