باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئايدا 4000 يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ

2018.07.03 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، 2018-يىللىق ئالتە تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىنات ئۆلچىمىنى مەركەزلىك تەڭشەش لايىھەسى يېقىندا ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئايدا كىشى بېشىغا 4000 يۈەنگە يېقىنلاشقان، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئايدا 210 يۈەن ئاشقان.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولۇپ، شۇ يىللىق فوند كىرىمى 194 مىليارد 540 مىليون يۈەن، چىقىمى 115 مىليارد 370 مىليون يۈەن، قالدۇقى 79 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولغان. بېيجىڭ شەھىرى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەش لايىھەسى تۈزۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنى ئايدا 4000 يۈەنگە ئۆستۈرىدىكەن، بۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى 26-قېتىم ئۇدا ئۆستۈرۈشى. بۇ يىل نورمىلىق تەڭشەش، باغلاپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق مايىللىشىش ئۆز ئارا بىرلەشكەن چارە بويىچە داۋاملىق تەڭشەيدىكەن، بولۇپمۇ بالدۇر پېنسىيەگە چىققان، ئۇلانما ئىستاژى ۋە ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن پېنسىيونېرلارغا مايىللىشىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرىدىكەن.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بولغان ۋە ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان پېنسىيونېرلار بۇ قېتىملىق تەڭشەشكە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن 2 مىليون 480 مىڭ كىشى نەپكە ئېرىشىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە 1-ئايدىن باشلاپ تولۇقلاپ تارقىتىلىدىكەن، 15-ئىيۇل كارخانا پېنسىيونېرلىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر