باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو 140 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى

2018.07.03 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدە دائىم تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يۈ جيەنخۇا 2-ئىيۇل ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى 38-قېتىملىق يىغىنىدا، 140 دۆلەتكە ۋاكالىتەن «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرەيلى ۋە قوغدايلى» تېمىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلدى .

  يۈ جيەنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەممە كىشىنى ئىنسانىيەت ھوقۇقتىن بەھرىلەندۈرۈش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش كېرەك.

  يۈ جيەنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، خەلققە بەخت يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى خەلقتىن تېپىپ، خەلققە تايىنىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مۇھىت ئۈچ جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقانداق ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك.

  يۈ جيەنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، خەلقنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم تىرىشىپ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، تەڭسىزلىكنى ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللار، بالىلار، مېيىپلار، ياشانغانلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر