باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىقىدا چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىلغۇ مېيىنى ئوغرىلاشتەك پەۋقۇلئاددە زور بىر قاتار دېلولار پاش قىلىندى

2018.07.03 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىق قىلىش ئاستىدا، تيەنجىن، خېبېى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، «30- ئاپرېل» دېلولىرىنى، يەنى چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىلغۇ مېيىنى ئوغرىلاشتەك پەۋقۇلئاددە زور دېلولارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى. بۇ دېلولارغا چېتىشلىق ئالتە جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارغا چېتىشلىق پاش قىلىنغان دېلولار 100گە يېقىنلاشقان، ھەمدە ماي ئامبىرىدىن بەشى پېچەتلەنگەن، دېلو سادىر قىلىشقا چېتىشلىق بولغان يەتتە دانە ئاپتوموبىل، 150 دانە ماي تۇڭى، ئوغرىلانغان 11 توننا دىزېل ماي ۋە دېلو سادىر قىلىشقا چېتىشلىق نۇرغۇن قورال-ئەسۋابلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرىدە چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىلغۇ مېيى ئوغرىلىنىپ كېتىش دېلولىرى كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن. دەسلەپكى تەھقىقلەش ئارقىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىلغۇ مېيىنى ئوغرىلاشتەك پەۋقۇلئاددە زور جىنايەت شايكىلىرىنى بايقىغان. مەزكۇر دېلولارغا تيەنجىن، خېبېى، ئەنخۇي ۋە شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى نەچچە ناھىيە ۋە رايونلار چېتىلغان. دېلو ئەھۋاللىرى مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا زەربە بېرىشتىكى «ئۈچكە زەربە بېرىش، بىرنى تۈزەش»تىن ئىبارەت مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تيەنجىن، خېبېى ۋە ئەنخۇيدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى دەرھال تەشكىللەپ، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپات ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. يېقىندا، نۇرغۇن جىنايەت پاكىتلىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تيەنجىن شەھىرى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مەركەزلەشتۈرۈپ تور يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەن فامىلىكىك ۋە يەن × يۈ قاتارلىق ئالتە جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتتى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جىنايەت شايكىلىرىنىڭ ھەمىشە كېچىلىرى ھەمدە مەخسۇس ھالدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ مۇلازىمەت رايونلىرىدا، ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا، چەت رايونلاردىكى تاشيوللار ۋە ئىش ئورنلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىلغۇ مايلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، ئۇ ئالتە جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دېلولىرى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلارنىڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېقىلغۇ مايلىرىنى ئوغرىلاشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا، نورمال ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مال-مۈلۈككە چېقىلىشتەك بۇ خىل كۆپ يۈز بېرىدىغان دېلولارغا داۋاملىق تۈردە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قاتتىق قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر