باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» قانۇن ئىدارە قىلىش ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2018.07.03 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قانۇن ئىدارە قىلىش ھەمكارلىق خەلقئارا مۇنبىرى 2- ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى، جۇڭگو قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، تەرەققىياتى كۆزلىگەن نىشاندىن ئېشىپ كەتتى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى باراۋەر ھالدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى پىرىنسىپ قىلغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلغان، ئېچىۋېتىلگەن ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىشنى ئاساسىي يول قىلغان، قائىدە-قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئاساس قىلغان. بىز مۇنداق دەپ قارايمىز: قائىدە-قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دېگىنىمىز،ئۇ ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنىڭ يول خېتى، ھەم خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىخەتەرلىك كىلاپانى. بىز بىر تەرەپتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت بۇ «قاتتىق ئالاقە»نى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىدىن ئىبارەت بۇ «يۇمشاق ئالاقە»نىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ۋە خەلقئارا قانۇن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىنى مەبلەغ چىقىرىپ قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر