باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

145 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، مەسئۇلىيەت قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

قىسمەن سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى دەل جايىدا بولمىدى، تۈرنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

2018.07.02 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا 145 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا 20 ئۆلكىدىكى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى 145 نۇقتىلىق ناھىيەنىڭ 2017-يىللىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىش ئەھۋالى، شۇنداقلا شەرقىي قىسىمدىكى قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ شەرقىي-غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىندى ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يىللاردا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىندى. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جەريانىدا 62 تىرىليون 585 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى، 1159 يېزا-بازار، 4013 مەمۇرى كەنت ۋە 2603 ئورۇن، شۇنداقلا 15 مىڭ 200 نامرات ئائىلىگە چېتىلدى.

  بۇلتۇرقى مەسىلە بار سوممىنىڭ ئارىلاپ تەپتىش قىلىش مەبلىغىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 1.6 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى، شەرقىي-غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق مەبلىغىنىڭ سېلىنمىسى 2016-يىلدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كەلدى

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەبلىغىنىڭ بىخەتەر، ئۆلچەملىك ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى نازارەت قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا مۇنۇلار مەلۇم بولدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەركەزنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان، شەرقىي-غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىنمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2016-يىلدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسى ۋە 1.57 ھەسسىسىگە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

  ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتا مەلۇم بولۇشىچە، 145 نامرات ناھىيە ئىچىدە يەتتە ناھىيە ۋە 2580 كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 1 مىليون 730 مىڭ 900 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.89 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئىسراپچىلىق قىلىش، باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق مەسىلە بار سوممىدىن 3 مىليارد 975 مىليون يۈەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ %6.35ىنى ئىگىلەپ، 2016-يىلدىكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يەنىمۇ ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىىك مەسىلىلەر ساقلانغان. بۇنىڭغا مەسئۇل يولداش مۇنداق دېدى: قىسمەن نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشتا يەنە ئاجىز ھالقىلار بار، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. قىسمەن جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئويلاشمىغانلىقتىن، قىسمەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى پىلانى ياكى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەس بولغان؛ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ غەملەش جايىدا بولماي، مەبلەغ ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلمەسلىك مەسىلىسى داۋاملىق ساقلانماقتا؛ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىشتە ئاجىز ھالقىلار بار، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ... بۇ مەسىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر